تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى

مەقسەت خاتىرجەملىك
نىشان تېررورلۇق

تارىختىكى بۈگۈن: 09.05.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

تارىختىكى بۈگۈن: 09.05.2019

 

بۈگۈن 2019 – يىلى 9 – ماي

1485يىلى 9مايدا 2بەيازىتنىڭ باش ۋەزىرى داۋۇتپاشا تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا تۇنجى تۈرك مەكتىپى «مەكتەبى سۇبيان» دېگەن نام بىلەن ئېچىلدى. 1847يىلىغا كەلگەندە «رۇشدىيە مەكتەبى» دەپ ئۆزگەرتىلگەن بۇ مەكتەپ، بۈگۈنكى كۈندە «داۋۇت پاشا تولوق ئوتتۇرا مەكتىپى» دېگەن نام بىلەن خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا ناتسىست گېرمانىيەنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولۇشىدىن كېيىن 1945يىلىدا، 9ماي كۈنى سوۋىت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن «غالىبە كۈنى» ئېلان قىلىنىپ تەبرىكلىنىدىغان بولغان ئىدى.

1950يىلى 9مايدا فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت سىچۇمان ياۋروپا بىرلىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ شىچۇمان دوكلاتىنى سۇنغان ئىدى.  ئۇنىڭ بۇ دوكلاتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلى سېلىنغان بولدى. 1985يىلىدىكى مىلان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدىمۇ 9ماينىڭ «ياۋروپا كۈنى» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىشى كېرەكلىكى رەسمىي قارار قىلىندى. 

1974يىلى 9مايدا گېرمانىيەدە قىزىل ئارمىيە رەھبەرلىرىدىن ئۇلرىكە مېنھوف سىتاتگارتتىكى ستېمھېم تۈرمىسىدا ياتىقىدا ئۆلۈك ھالدا بايقالغان ئىدى.

1984يىلى 09مايدا تۈرك رومانشۇناس، سىنارىيە ۋە ھېكايە يازغۇچىسى ياشار كەمالغا فىرانسىيە دۆلەت ئوردىنى مۇكاپات بېرىلگەن ئىدى.  

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا تارىختىكى بۈگۈن ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر