تارىختىكى بۈگۈن: 6 – ماي

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

تارىختىكى بۈگۈن: 6 – ماي
  • يىل 1877، 6-ماي...
  • ئاقتەنلىكلەرگە قارشى قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسى بىلەن تونۇلغان سىيوكس (Sioux) ھىندىئانلىرىنىڭ مەشھۇر رەھبىرى كرېيزى خورس (قارام ئات)، نېبراسكا (Nebraska) دا ئامېرىكا قىسىملىرىغا تەسلىم بولدى.
  • 1927-يىلى 6-ماي كۈنى ئىستانبۇل رادىيوسى تۇنجى ئاڭلىتىشىنى سىركەجىدىكى چوڭ پوچتىخانا بىناسىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە باشلىدى. ئەينى چاغدا ھېچكىمدە رادىيو بولمىغانلىقى ئۈچۈن، رادىيو پىروگراممىلىرى پوچتىخانا بىناسىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياڭراتقۇ ئارقىلىق خەلققە يەتكۈزۈلدى.
  • 1937-يىلى 6-ماي كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دىرژابىل ھېسابلىنىدىغان خىندېنبۇرگ (Hindenburg) كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوت كېتىپ يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ۋەقەدە 36 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ دىرژابىلدا يولۇچى توشۇش ئەمەلدىن قالدى.
  • 1994-يىلى 6-ماي كۈنى ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنى دېڭىزدا بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان سۇ ئاستى تونېلى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى.
  • 2001-يىلى 6-ماي كۈنى پاپا 2-پائۇل سۈرىيە پايتەختى دەمەشىقتىكى ئەمەۋى جامەسىنى زىيارەت قىلدى ۋە بىر جامەگە كىرگەن تۇنجى پاپا بولۇپ قالدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر