تارىختىكى بۈگۈن: 18.04.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1185613
تارىختىكى بۈگۈن: 18.04.2019

■ 1935 – يىلى 18 – ئاپرېلدا 12 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاياللار قۇرۇلتىيى ئاتاتۈركنىڭ ھىمايىسىدە ئىستانبۇلدىكى يىلدىز سارىيىدا چاقىرىلدى. قۇرۇلتايدا ئاياللار ھوقۇقى، باراۋەرلىك، ئاياللارغا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەدە تېگىشلىك پائاللىشىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش، ئاياللارنىڭ ئىززەت – ئابرۇيىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەردىن سىرت، ئىرقچىلىق ۋە سەھىيە مەسىلىلىرىمۇ مۇھاكىمە قىلىندى. ئوخشاش بولمىغان جايلاردىن كەلگەن ئاياللار ھوقۇقى قوغدىغۇچىسىنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرغان قۇرۇلتايدا، ھىندىستان، مىسىر، فىرانسىيە، رومىنىيە ۋە ئاۋسترىيەگە ئوخشاش 30 دۆلەتتىن 210 ۋەكىل قاتناشقانىدى.

■ 1946 – يىلى 18 – ئاپرېلدا مىللەتلەر جەمئىيىتى تارقالدى. ئۇ، زامانىمىزدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئاساسى دېيىشكە بولىدىغان بىر تەشكىلات ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شىۋېيتسارىيەدە دۆلەتلەر ئارىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، بىر مەزگىل خىزمەت قىلىپ باققان بولسىمۇ، مەۋجۇتلۇقىنى بەك ئۇزۇن داۋاملاشتۇرالمىدى.

■ 1951 – يىلى 18 – ئاپرېلدا پارىژ ئەھدىنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن، زامانىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغۇچى بىرىنچى قەدەم بولغان ياۋروپا كۆمۈر ۋە پولات بىرلەشمىسى قۇرۇلدى.

■ 1954 – يىلى 18 – ئاپرېلدا مىسىردا جەمال ئابدۇنناسىر سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ پادىشاھلىق تۈزۈمىگە خاتىمە بەردى.

■ 1955 – يىلى 18 – ئاپرېلدا گېرمان فىزىكا نەزەرىيەچىسى ۋە ئالىم، نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالبېرت ئېينىشتىيىن ئۆلدى. 20 – ئەسىرنىڭ ئەڭ مۇھىم فىزىكىچىسى بولغان ئېينىشتىيىن، مودېرن فىزىكىنىڭ ئاساسچىسى دەپمۇ تونۇلدى.

■ 1989 – يىلى 18 – ئاپرېلدا تۈركىيەدە تۇنجى پىروبىركا بوۋاق ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پىروبىركا بوۋاق مەركىزىدە دۇنياغا كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر