تارىختىكى بۈگۈن: 17 – ئاپرېل
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...
1184698
- 1453 - يىلى 17-ئاپرېل كۈنى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئىستانبۇل ئاراللىرىنى پەتھى قىلدى.
- 1790 – يىلى 17 – ئاپرېل كۈنى ئامېرىكىلىق ئالىم، سىياسىيون ۋە يازغۇچى بېنيامىن فرانكلىن ۋاپات بولدى.
- 1897 – يىلى 17 – ئاپرېل كۈنى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بىلەن گىرېتسىيە پادىشاھلىقى ئوتتۇرىسىدا «30 كۈنلۈك ئۇرۇش» دەپ ئاتالغان ئۇرۇش باشلاندى.
- 1940 – يىلى 17 – ئاپرېل كۈنى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن تۈركىيەگە خاس مائارىپ لايىھەسى دائىرىسىدە يېزا - قىشلاق ئىنىستىتۇتلىرى قانۇنى قوبۇل قىلىندى.
- 1946 – يىلى 17 – ئاپرېل كۈنى سۈرىيە فىرانسىيە مۇستەملىكىسىدىن مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى.
- 1954 – يىلى 17 – ئاپرېل كۈنى ...1915 – يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە «چاناققەلئە ئۇرۇشلىرى» دا ھاياتىدىن ئايرىلغان تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن بەرپا قىلدۇرۇلغان «چاناققەلئە ئابىدەسى» قۇرۇلۇشى باشلاندى.
- 1961 – يىلى 17 – ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياردەم بېرىۋاتقان سۈرگۈندىكى كۇبالىقلار فىدېل كاسترونى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن كۇباغا قاراپ ئاتلاندى. «‹چوشقىلار› قولتۇقى ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەت، فىدېل كاستورنىڭ زەپىرى بىلەن نەتىجىلەندى.
- 1972 – يىلى 17 – ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا نىكسون ھۆكۈمىتىنىڭ 1972 – يىلقى سايلاملاردا سىياسىي رەقىبلىرىنى قانۇنسىز ھالدا ئوغرىلىقچە تىڭشاش پائالىيەتلىرى پاش قىلىندى. « Watergate » دەپ ئاتالغان بۇ ۋەقە بىلەن چېتىشلىقى بار 3 پىرېزىدېنت مەسلىھەتچىسى بىلەن بىر تەپتىش ئەمەلدارى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.
- 1993 – يىلى 17 – ئاپرېل كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 8 – جۇمھۇر رەئىسى، تۈرك بىيۇروكرات ۋە سىياسىيون تۇرغۇت ئۆزال ۋاپات بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...