تارىختىكى بۈگۈن: 16.04.2019
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
■ 1912 – يىلى 16 – ئاپرېلدا ئامېرىكىلىق تۇنجى ئايال ئۇچقۇچى كۇئىمبېي مانش دېڭىزى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن تۇنجى ئايال بولدى. كۇئىمبېي ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتى ئەسناسىدا ئايروپىلانى يەرگە سوقۇلۇپ كېتىپ قازا قىلدى.
■ 1941 – يىلى 16 – ئاپرېلدا 500 گېرمان ئايروپىلانى بىر كېچە بويىچە لوندوننى بومباردىمان قىلدى... بۇ، گېرمانىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەنگلىيەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ ئەڭ كەڭ كۆلەملىكى ئىدى. 1940 – يىلى ئىيۇندىن 1941 – يىلىغىچە داۋاملاشقان ھۇجۇملاردا 32 مىڭ ئەتراپىدا پۇقرا ئۆلدى، 87 مىڭ ئادەم يارىلاندى.
■ 1945 – يىلى 16 – ئاپرېلدا قىزىل ئارمىيەنىڭ بېرلىنغا كىرىشى بىلەن بېرلىن جېڭى باشلاندى.
■ 1948 – يىلى 16 – ئاپرېلدا ياۋروپا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلدى. قىسقىچە نامى OECD بولغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى سانائەتلەشكەن ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپماقتا. نۆۋەتتە 36 دۆلەت بۇ تەشكىلاتقا ئەزا.
■ 1972 – يىلى 16 – ئاپرېلدا ئىنسان ئەۋلادىنىڭ 5- قېتىملىق ئاي سەپىرى «ئاپوللو 16» ناملىق ئالەم كېمىسى بىلەن باشلاندى.
■ 2017 – يىلى 16 – ئاپرېلدا تۈركىيەدە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى «جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسى» غا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...