تارىختىكى بۈگۈن: 13.04.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1182718
تارىختىكى بۈگۈن: 13.04.2019

 

 

بۈگۈن 2019 – يىلى 13 – ئاپرىل

چۆچەك يازغۇچىلىقى بىلەن تونۇلغان فىرانسىيەلىك شائىر ۋە يازغۇچى جېن دە لا فونتاين 1695يىلى 13ئاپرىلدا ۋاپات بولغان ئىدى.

1909يىلى 13ئاپرىلدا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە 2مەشرۇتىيەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتكە قارشى «31مارت ئىسيانى» باشلانغان ئىدى. بۇ ئىسيان رىم كالېندارى بويىچە 1325يىلى 31 - مارتتا باشلانغان بولغاچقا «31مارت ئىسيانى» دەپ ئاتالغان ئىدى.

1933يىلى 13ئاپرىلدا ئىنژېنېرلىق ئالىي تېخنىكومىنى پۈتكۈزگەن سابىھا ۋە مەلەك خانىملار تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئىنژېنېر ئاياللىرى بولغان ئىدى.

1949يىلى 13ئاپرىلدا تۈرك ئاياللار بىرلىكى جۇمھۇر رەئىس ئىسمەت ئىنۆنۈنىڭ ئايالى مەۋھىدە ئىنۆنۈنىڭ پەخرىي باشلىقىقىدا قايتا قۇرۇلدى. بىرلىك تۇنجى قېتىم 1924يىلىدا قۇرۇلغان ئىدى. 

1999يىلى 13ئاپرىلدا ئاتاتۈرك خەلقئارا تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ھەيدەر ئالىيېۋغا بېرىلىشى قارار قىلىنغان ئىدى.

2015يىلى 13ئاپرىلدا گېرمانىيە زامانىۋىي ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم رومان ۋە سىنارىيە يازغۇچىسى شۇنداقلا شائىرلىرىدىن بىرسى بولغان ھەمدە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن گۇنتېر تىراس ۋاپات بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر