تارىختىكى بۈگۈن: 3– ئاپرېل

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1176068
تارىختىكى بۈگۈن: 3– ئاپرېل
  • 1882 – يىلى 3 – ئاپرېل كۈنى ئامېرىكىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن قاراقچىلىق قىلىش بىلەن داڭ چىقارغان ئامېرىكىلىق قاراقچى جېسسې جەيمس يېقىن ئادىمى بولغان روبېرت فورد تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ھايات ۋاقتىدا ئەپسانىلاشقان بىر قاراقچى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى كۆپلىگەن رومانلار ۋە فىلىملارنىڭ تېمىسى بولدى.
  • 1906 – يىلى 3 – ئاپرېل كۈنى لۇمىئېرې قېرىنداشلار رەڭلىك فوتو سۈرەتنى ئىجاد قىلدى.
  • 1930 – يىلى 3 – ئاپرېل كۈنى تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئاياللارغا سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بېرىلدى. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىنغان «شەھەرلىك ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قانۇنى» غا ئاساسەن ئاياللارغا شەھەرلىك ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت سايلاملىرىدا سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بېرىلدى.
  • 1937 – يىلى 3 – ئاپرېل كۈنى تۈركىيەنىڭ پولات – تۆمۈر ئىشلەپچىقارغۇچىسى «قارابۈك پولات – تۆمۈر زاۋۇتى» قۇرۇلۇشى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن شۇ دەۋردىكى باش مىنىستىر ئىسمەت ئىنۆنۈ تەرىپىدىن قارابۈكتە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
  • 1948 – يىلى 3 – ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى ھاررى ترۇمان ئىقتىسادىي ياردەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مارشال پىلانى» نى ئىمزالىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىقتىسادىي كىرىزىسكە دۇچ كەلگەن بەزى دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان «ئىقتىسادىي ياردەم پىروگراممىسى» دىن تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 دۆلەت پايدىلاندى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر