تارىختىكى بۈگۈن: 27– مارت
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...
1171716
- 1977 – يىلى 27 – مارت كۈنى ئاۋىياتسىيەچىلىك تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قازا ھېسابلىنىدىغان «‹ Tenerife › پاجىئەسى» يۈز بەردى. ئىككى ئايروپىلاننىڭ قوزغىلىش ئالدىدا بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن قازادا 575 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 70 كىشى يارىلاندى.
- 1941 – يىلى 27 – مارت كۈنى يۇگوسلاۋىيەدە گېنېرال دۇسان سىموۋىچ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى. يېڭى ھۆكۈمەت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر لاگېرىغا قارشى قۇرۇلغان ئانتانتا دۆلەتلەر لاگېرىدىن ئايرىلىش توغرۇلۇق قارار چىقاردى.
- 1945 – يىلى 27- مارت كۈنى «سەرۋەتى فۇنۇن» ۋە جۇمھۇرىيەت دەۋرىنىڭ ئەڭ مۇھىم يازغۇچىلىرىدىن بولغان خالىت زىيا ئۇشاقگىل ۋاپات بولدى.
- 1961 – يىلى 27 – مارت كۈنى «دۇنيا تىياتىر كۈنى» قىلىپ بېكىتىلدى. 1961 – يىلدىن بۇيان 48 دۆلەتتە، ھەر يىلى 27 – مارت كۈنى «خەلقئارا تىياتىر بايرىمى كۈنى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...