تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 27 - مارت

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1171773
تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 27 - مارت
  • 1977-يىلى 27-مارتتا ئاۋىئاتسىيە تارىخىدا زور پاجىئە يۈز بەردى، بۇ پاجىئەگە تارىختا«تېنېىپە پاجىئەسى»دەپ نام بېرىلدى. ئۇچۇش تەييارلىقىدىكى ئىككى ئايروپلاننىڭ سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە 575 ئادەم قازا قىلىپ، 70 ئادەم يارىلاندى.
  • 1941-يىلى 27-مارت كۈنى، يۇگۇسلاۋىيەدە گېنېرال دۇسان سىموۋىچ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى. يېڭى ھۆكۈمەت 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر گەۋدىسىگە قارشى تەشكىللەنگەن غول دۆلەتلەر گەۋدىسىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى.
  • 1945-يىلى 27-مارتتا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلاردىن بولغان ھالىت زىيا ئۇشاكلىگىل ۋاپات بولدى.
  • 1961-يىلى 27-مارت كۈنى دۇنيا تىياتىر كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى، 1961-يىلدىن بۇيان 48 دۆلەتتە ھەر يىلى 27-مارت تىياتىر كۈنى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر