تارىختىكى بۈگۈن: 24.03.2019
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
1882-يىلى 24-مارتتا روبېرت كوچ تۇبېركۇليوزغا سەۋەب بولىدىغان باكتېرىيەنى بايقاپ چىقتى. ئۇ بۇ باكتېرىيەنى 24-مارت كۈنى بايقاپ چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بۈ كۈننى «دۇنيا تۇبېركۇليوز كۈنى»قىلىپ بېكىتى.
1905-يىلى 24-مارتتا « ئىلمىي فانتازىيەنىڭ پىشىۋاسى»دەپ ئاتىلىدىغان فىرانسۇز يازغۇچى ۋاپات بولدى.
1923-يىلى 24-مارت كۈنى مۇستافا كەمال پاشانىڭ باش سۈرىتى «تايمىز»گېزىتىنىڭ مۇقاۋىسىدا ئېلان قىلىندى.
1933-يىلى 24-مارتتا گىتلىر 27- فېۋرالدا مەيدانغا كەلگەن رېيچستاگ ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، گېرمانىيەدە جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشنى باھانە قىلىپ ئۆزىگە تولۇق ھوقۇق بېرىلىشنى مەزمۇن قىلىدىغان قارارنامەنىڭ 24-مارت كۈنى ماقۇللىنىشى بىلەن دىكاتورغا ئايلاندى.
1976-يىلى 24-مارت كۈنى ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى ئىسابېل پېرون، قانسىز بىر ھەربىي –سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.
1999-يىلى 24-مارتتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى –ناتو كوسوۋادىكى توقۇنۇشلارغا قارىتا، يۇگوسلاۋىيەگە ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ياۋروپادىكى ئەڭ كۆلەملىك ھېسابلىنىدىغان بۇ قېتىمقى ھاۋا ھەربىي ھەرىكىتى، كوسوۋانىڭ سىربىيەدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى.
2006-يىلى ئىسپانىيەدىكى ئەتا تەشكىلاتى مۇددەتسىز ئوق چىقىرىشنى توختىتىشنى ئېلان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...