تارىختىكى بۈگۈن: 21.03.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1168225
تارىختىكى بۈگۈن: 21.03.2019

 

 

بۈگۈن 2019 – يىلى 21 – مارت

1590يىلى 21مارتتا ئوسمانلى دۆلىتى ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدا فەرھاد پاشا كېلىشىمى تۈزۈلگەن ئىدى.

1779يىلى 21مارتتا ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئاينالى كاۋاك كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى.

1788يىلى 21 مارتتا ئامېرىكىنىڭ لويسىئانا ئىشتاتىغا قاراشلىق نىيۇ ئورلېنس شەھىرى ئوت ئاپىتىدە پۈتۈنلەي كۆپۈپ كەتكەن ئىدى.

1935يىلى 21مارتتا شاھ رىزا پەھلىۋى خەلقئارا جامائەتچىلىككە خىتاب قىلىپ، دۆلىتىنىڭ نامىنىڭ «پارسىيە» ئەمەس، بەلكى ئاريانلارنىڭ دۆلىتى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ئىران» دەپ ئاتىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئىران مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6 - ئەسىردىن 1935يىلىغىچە پارىس ئېمپىرىيەسى، ئەجەمىستان دېگەندەك ئىسىملارمۇ بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى. 

1963يىلى 21مارتتا ئالكاتراز تۇرمىسى تاقىۋېتىلدى. ئالكاتراز ئارىلى 1861يىلىدىن 1963يىلىغىچە تۈرمە ئورنىدا ئىشلىتىلگەن ئىدى.

1973يىلى 21مارتتا ئاتاقلىق تۈرك خەلق ناخشىچىسى ئاشىق ۋەيسەل ۋاپات بولدى.

2009يىلى 21مارتتا ت ر ت نىڭ يىراق شەرقتىن بالقانلارغىچە بولغان جايلارغا ۋە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا قاراتقان خەلقئارا خەۋەر ۋە كۈلتۈر پىروگارممىلىرىنى مەزمۇن قىلغان تېلېۋىزىيە قانىلى «TRT Avaz» رەسمىي تارقىتىشنى باشلىغان ئىدى. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر