تارىختىكى بۈگۈن: 14.03.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1163345
تارىختىكى بۈگۈن: 14.03.2019

 

بۈگۈن 2019 – يىلى 14 – مارت

1827يىلى 14مارتتا، سولتان 2مەھمۇد دەۋىردە تۈركىيە تارىخىنىڭ تۇنجى تىببىي فاكۇلتېتى «مەكتەبى تىببىيە شاھانە» قۇرۇلغان ئىدى.

1843يىلى تۇنجى قارا ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈردى. 4 ئوقوغۇچى 1848يىلى ۋىيانادىكى تىببىي ئىمېتىھاندىن ئۇتۇغلۇق بىلەن ئۆتكەندىن كېيىن، فاكۇلتېتنىڭ دېپلومىسى ياۋروپادىكى تىببىي فاكۇلتېتلار بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ھېسابلىنىشقا باشلاندى.  1919يىلىدىن تارتىپ «مەكتەبى تىببىيە شاھانە» نىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ھەر يىلى تىببىي بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلىنىشكە باشلاندى. بۇ قارار ھېكمەت ئوران باشچىلىقىدىكى سەھىيە خادىملىرىنىڭ ئىمپېرىيالىست كۈچلەرگە قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىققانلىقى سەۋەبىدىن ماقۇللانغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ھەر يىلى 14 - مارت كۈنى تىببىي بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.

1980يىلى 14مارتتا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانى ئىنجىرلىق ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قونۇش جەريانىدا چۈشۈپ كېتىپ، 18 ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلگەن ئىدى. 

2000يىلى 14مارتتا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرىمىز نائىم سۇلايمانئوغلۇ ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدا 145 كېلونى كۆتۈرۈپ، غەيرى رەسمىي ھالدا دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان ئىدى.

1883يىلى 14مارتتا گېرمانىيەلىك پەلسەپەچى ۋە سىياسىي ئىقتىسادشۇناش كارىل ماركىس ئۆلدى. دۇنيا ئىقتىسادىغا ئالاقىدار كلاسسىك ئەسەرلەردىن بىرسى بولغان «Das Kapital» نىڭ يازغۇچىسى كارىل ماركىس لونداندا ۋەتەنسىز بىر كىشى سۈپىتىدە ئۆلگەن ئىدى.

2018يىلى 14مارتتا ئەنگلىيەلىك فىزېكا ئالىمى ۋە ئالەم بوشلۇقى مۇتەخەسسىسى، ئاستىرونوم، نەزىرىيەچى يازغۇچى ستىپېن ھاۋكىڭ ئۆلگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر