تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 13 - مارت
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...
624-يىلى 13-مارتتا مەككىلىكلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنى ھىجرەت قىلىشقا قىستىشى ۋە ھىجرەتتىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋېلىشى تۈپەيلى، مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار ئوتتۇرىسىدا بەدىر ئۇرۇشى يۈز بەردى، بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلار غەلىبە قىلدى.
قۇياش سىستېمىسىنىڭ يەتتىنچى پلانىتاسى بولغان ئۇران، تېگى نېمىس بولغان ئەنگلىيەلىك ئالىم ۋىليام ھېرسچېل تەرىپىدىن 1781 –يىلى 13-مارتتا بايقالدى.
1840-يىلى 13-مارتتا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە رۇمى كالىندارى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. 1870-يىلغىچە ھەم ھىجرىيە ھەمدە رۇمى كالىندارى بىرلىكتە يولغا قويۇلدى.
1996-يىلى 13-مارتتا شوتلاندىيەنىڭ دۇنبلانە ناھىيەسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە قوراللىق بېسىپ كىرگەن بىر زوراۋان، 3 مىنۇت ئىچىدە بىر سىنىپ مەسئۇلى ۋە 6 ياشلىق 16 بالىنى قەتل قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.
2013-يىلى 13-مارتتا ئارگېنتىنالىق پوپ جورج مارىيو بېرگوگلىيو، كاتولىك دۇنياسىنىڭ 266-پوپى سايلاندى. بېرگوگلىيو 1000يىلدىن بۇيان ياۋروپا سىرتىدىن سايلانغان ۋە لاتىن ئامېرىكالىق بولغان تۇنجى پوپ ھېسابلىنىدۇ.
2010-يىلى 13-مارتتا جىنىس دۇنيا رېكورتى كىتابىغا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولغان خې پىڭپىڭ ئۆلدى، 73 سانتىمېتىر بويى بولغان خې پىڭپىڭ بويى قىسقا بولسىمۇ ماڭالىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئۇنۋانغا لايىق كۆرۈلگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...