تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 12 - مارت

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1161517
تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 12 - مارت

■  1921 – يىلى 12 – مارتتا تۈرك مىللىتىنىڭ ئىستىقلال (مۇستەقىللىق) مارشى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىندى؛ شۇ يىللاردا مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۈركلەرنىڭ ۋەتەن ۋە بايراق سۆيگۈسىنى، ئەركىنلىك ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن شېئىر، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە جۇشقۇن كەپىيات ئىچىدە قوبۇل قىلىندى.

■  1930 – يىلى 12 – مارتتا ھىندىستان ۋە پاكىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي ۋە رۇھانىي لىدىرى ماھاتما گاندى، ھۆكۈمەتنىڭ تۇز ئىشلەپچىقىرىشنى مونوپول قىلىۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «تۇز يۈرۈشى» نى باشلىدى. گاندىنىڭ 6 – ئاپرېلغىچە داۋاملاشقان بۇ يۈرۈشىگە مىڭلارچە ھىندىستانلىق ئاۋاز قوشتى.

■  1985 – يىلى 12 – مارتتا تۈركىيەنىڭ ئوتتاۋادىكى ئەلچىخانىسى ئەرمەن مىلىتارىستلىرىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمدا باش ئەلچى جوشقۇن قىرجا يارىلاندى، كانادالىق بىر ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

■  1971 – يىلى 12 – مارتتا دۆلەتتىكى سىياسىي كىرىزىس، ئىش تاشلاش، ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرى قاتارلىقلار تۈپەيلى تۈركىيە ئارمىيەسى ھۆكۈمەتكە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى. ئۇلتىماتومدىن كېيىن باش مىنىستىر سۈلەيمان دەمىرەل ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. 26 – مارتتا نىھات ئەرىم باش مىنىستىرلىقىدا ئىسلاھات ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى.

■  2003 – يىلى 12 – مارتتا سېربىيە باش مىنىستىرى زوران دىندىچ بېلگرادتا سۇيىقەستكە ئۇچراپ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر