تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 05 - مارت

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1156950
تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 05 - مارت

■  1912 – يىلى 5 – مارتتا ئىتالىيە ئارمىيەسى شارلارنى ھەربىي مۇددىئانى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئىشلەتكەن تۇنجى ئارمىيە بولدى. ئىتالىيەلىكلەر بۇ شارلارنى تۈركىيە مۇداپىئە لىنيەلىرىنىڭ ئۇ تەرىپىدە چارلاش ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە قويۇپ بەردى.

■  1920 – يىلى 5 – مارتتا تۈركىيە يېشىل چاي جەمئىيىتى قۇرۇلدى.

■  1933 – يىلى 5 – مارتتا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا ناتسىيونال سوتسىيالىست گېرمان ئىشچىلار پارتىيەسى %43.9 ئاۋازغا ئېرىشىش ئارقىلىق كۆپ سانلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ ھاكىمىيەتنىڭ بېشىغا ئۆتتى.

■  1933 – يىلى 5 – مارت بۈيۈك بوھراننىڭ ئەڭ ئېغىر يىللىرى... ئامېرىكا پىرېزىدېنتى فرانكلىن روزۋېلت بارلىق بانكىلارنى تاقاپ، پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرىنى توختىتىۋەتتى.

■  1946 – يىلى 5 – مارتتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوتتۇرىغا چىققان سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان تۆمۈر پەردە دېگەن ئۇقۇمنى تۇنجى قېتىم ئەنگلىيە باش مىنىستىرى ۋىنستون چېرچىل ئىشلەتتى.

■  1953 – يىلى 5 – مارتتا 1929 – يىلىدىن بېرى سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇپ كەلگەن جوسېف ئىستالىن ئۆلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر