تارىختىكى بۈگۈن: 27 – فېۋرال

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1153220
تارىختىكى بۈگۈن: 27 – فېۋرال
  • 1863 – يىلى 27 – فېۋرال كۈنى تۈركىيەدە ھەممە تەرىپىدىن بىلىنىدىغان تۇنجى قېتىملىق فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئىستانبۇلدىكى ئات بەيگىسى مەيدانىدا ئېچىلدى. كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىنى سۇلتان ئابدۇلئەزىز قوللىدى. 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى پۈتكۈل دۇنيادا كۆرگەزمىلەر ۋە يەرمەنكىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بىر  خىل «ئېقىم مەسىلىسى» گە ئايلانغانىدى. غەربتە پات - پات نەمۇنىلىرى كۆزگە چېلىقىدىغان كۆرگەزمىلەرگە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىلەتتى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى سۇلتانى ئابدۇلمەجىت لوندون ۋە پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىلەرگە قاتناشقانىدى. سۇلتان ئابدۇلمەجىتنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەختكە چىققان سۇلتان ئابدۇلئەزىز، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە بولغان قىزىقىشى سەۋەبلىك ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىمۇ شۇنداق بىر كۆرگەزمە ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى. «ئاممىۋى كۆرگەزمە» نامى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىدە، فوتو سۈرەتلەردىن سىرت يەنە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە روياپقا چىقىرىلغان ئەسەرلەر ۋە غەرب ئەللىرىدىن كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئىجادىيەتلەرمۇ كۆرگەزمە قىلىندى.
  • 1879 – يىلى 27 – فېۋرال كۈنى ئامېرىكىلىق خىمىيەشۇناس ئالىم كونستانتىن فاھلبېرگ «ساقارىن» ناملىق سۈنئىي ماددىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. كۈنىمىزدە شېكەر سىيىش كېسەللىكلىرىگە دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ۋە يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق كۆپلىگەن سانائەت مەھسۇلاتلىرىدا قوللىنىلىدىغان «ساقارىن» ئەسلىدە تاسادىپىي بايقالغانىدى. كونستانتىن فاھلبېرگ جون ھوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككىنچى مۇدىرى ئىرا رېمسېن بىلەن بىرلىكتە، تاش كۆمۈر يېغى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، تاسادىپىي «ساقارىن» نى بايقاپ قالغانىدى. «ساقارىن» توغرۇلۇق ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان فاھلبېرگ، 1884 – يىلى «ساقارىن» پاتېنتىنى ئالدى.
  • 1914 – يىلى 27 – فېۋرال كۈنى تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە سەھەسىدە تۇنجى قېتىم شېھىت بولۇش ھادىسىسى يۈز بەردى. ئۇچقۇچى فەتھى ئەپەندى بىلەن سادىق ئەپەندى ھەيدەپ  ماڭغان «مۇئاۋەنەتى مىللىيە» ناملىق ئايروپىلان، ئىستانبۇل – قاھىرە ئوتتۇرىسىدا قاتناۋاتاتتى. كونيا، ئۇلۇقىشلا، ئادانا، ھۇمۇس ۋە دەمەشق ئارقىلىق قاھىرەگە سوزۇلىدىغان ھاۋا قاتنىشى دەمەشققىچە بىخەتەر ھالدا داۋاملاشتى. بىراق، دەمەشقنىڭ تەبەرىييە ناھىيەسى ئەترپىدا ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن، ئايروپىلان قىيالىقلارغا سوقۇلۇپ، چۈشۈپ كەتتى. قازادا فەتھى ۋە سادىق ئەپەندىلەر شېھىت بولدى. ئەسلىدە بۇ ھاۋا قاتنىشى، «بالقان ئۇرۇشى» دىن مەغلۇبىيەت بىلەن چىققان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە تەسەللى بولۇشى ئۈچۈن پىلانلانغانىدى.
  • 1947 – يىلى 27 – فېۋرال كۈنى «ئامجابەگ»، «ئەفرۇز بەگ»، «خۇشامەتچى» ۋە «ئەقلى قارا» قاتارلىق تۈرك ھەجۋي رەسىملىرىنى روياپقا چىقارغان  ھەجۋي رەسىم ئۇستىلىرىدىن جەمال نادىر گۈلەر ۋاپات بولدى. جەمال نادىر ھەجۋي رەسىملىرى ئارقىلىق  جەمئىيەتتىكى ناچار خاھىشلارنى، نادانلىقنى، شەخسىيەتچىلىكنى، مەنپەئەتپەرەسلەرنى، ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى ۋە خۇشامەتچىلەرنى تەنقىد قىلاتتى.       


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر