تارىختىكى بۈگۈن: 11 – فېۋرال

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1142972
تارىختىكى بۈگۈن: 11 – فېۋرال
  • يىل 1650، 11-فېۋرال...
  • فىرانسىيەلىك ماتېماتىكىچى، ئالىم ۋە پەيلاسوپ رېنې دېسكارتېس (René Descartes) ۋاپات بولدى. غەرب پەلسەپەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم كىشىلىرىدىن بىرى بولغان رېنې دېسكارتېس ياش ۋاقىتلىرىدا «جىزۋىت تەرىقىتى» دىن ئۆگەنگەن پەلسەپە ۋە ماتېماتىكا دەرسلىرى بىلەن چۈشەنچە سىستېمىسىنىڭ ئاساسىنى سالدى. 16 يىل بويىچە قىلغان ساياھىتىنىڭ ئاخىرىدا، شۇ دەۋردە ئەڭ ئەركىن پىكىر ئەركىنلىكى بولغان گوللاندىيەگە يەرلەشتى. 1637-يىلى «مېتود ھەققىدە بايان»،1641-يىلى «چوڭقۇر تەپەككۇر» ناملىق ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدى. گۇمان ۋە چۈشىنىش ھەققىدە تەرەققىي قىلدۇرغان پەلسەپە چۈشەنچىلىرىنى «تەپەككۇر قىلىۋاتىمەن، ئۇنداق بولسا مەن ھايات» دېگەن سۆزى بىلەن خۇلاسىلىدى. شىۋېتسىيە خانىشى كرىستىنانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ستوكھولمغا بارغاندا قەھرىتان سوغۇقتا سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۆپكە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولدى ۋە بۇ كېسەللىك بىلەن ۋاپات بولدى.
  • 1809-يىل 11-فېۋرال ئەنگلىيەلىك روبېرت فۇلتون (Robert Fulton)  پار پاراخوتىنىڭ پاتېنتىنى ئالدى. ياشلىق دەۋرىدە رەسىم سىزىشقا قىزىققان بىراق، كېيىنچە رەسىم سىزىشتىن ۋاز كېچىپ ئىنژېنېرلىققا قىزىققان فۇلتون، مەرمەر كىسىش ماشىنىسى ۋە ئارغامچا توقۇش ماشىنىسىنىڭ پاتېنتىنى ئالغاندىن كېيىن، 1797-يىلى پارىژغا باردى. ئۇ فىرانسىيەدە ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى لايىھەلىگەن پار پاراخوتىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇردى ۋە 1803-يىلى ياسىغان تۇنجى پاراخوتىنى سۇغا چۈشۈردى. بىراق، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى        بۇ پاراخوتقا قىزىقمىدى. ئۇ ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندە ئامېرىكاغا باردى ۋە تەتقىقاتىنى سىناق قىلدى. فۇلتوننىڭ پاراخوتى يەلكەن ياكى پالاق ئىشلەتمەستىن سۇدا ئىلگىرىلىگەن تۇنجى پاراخوت بولۇپ قالدى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. فۇلتون 1815-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن، تۇنجى پار بىلەن ھەرىكەت قىلدىغان ئۇرۇش پاراخوتىنى ياسىدى.
  • 1965-يىل 11-فېۋرال «يېڭى ئادانا گېزىتى» دۇنيا ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1918-يىل 25-دېكابىر 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقى ئۇرۇشتا يىڭىلدى ۋە زېمىنلىرى كېلىشىم بويىچە بۆلۈشۈشكە باشلاندى. فىرانسىيە تۈركىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئادانا ۋە ئەتراپىنى ئىشغال قىلدى. بۇ ئىشغالدىن دەل بەش كۈن ئۆتكەندە، ۋەتەن زېمىنلىرىنى قوغداش ھەرىكىتىگە ئوت ياققان بىر گېزىت-يەنى «ئادانا گېزىتى» نەشر قىلىنىشقا باشلىدى. ئادانا گېزىتى فىرانسىيەنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ئۈچ سان نەشر قىلىنغاندىن كېيىن چەكلەندى. فىرانسىيەنىڭ ئىشغالىنى قوبۇل قىلمىغان گېزىتنىڭ خوجايىنلىرى ئەھمەت رەمزى بەگ بىلەن يوزگاتلىق ئوفىتسېر مەھمەت ئاۋنى دوغان ئارىدىن يەنە بەش كۈن ئۆتكەندە «يېڭى ئادانا گېزىتى» نى نەشر قىلىشقا باشلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى، ئۇلار مەتبەئە ماشىنىلىرىنى باشقا شەھەرگە يۆتكەپ، گېزىتنى چىقىرىشنى داۋاملاشتۇردى. يېڭى ئادانا گېزىتى ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان خەلقىنى ئانادولۇدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن خەۋەرلەندۈردى. مەزكۇر گېزىت 1965-يىلى «ئامېرىكا گېزىت خوجايىنلىرى ئىتتىپاقى ۋەخپى» نىڭ ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ سىرتىدا نەشر قىلىنىۋاتقان گېزىتلەرگە بېرىلىدىغان «دۇنيا ئاخباراتچىلىق مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى» غا ئېرىشىپ، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى ۋە بىردىنبىر تۈركىيە گېزىتى بولۇپ تارىخقا يېزىلدى.
  • 2006-يىلى 11-يانۋار گېرمانىيەلىك ئارخېلوگلار شانلىئۇرفادىكى گۆبەكلى تەپەدە (گۆبەكلى ئېگىزلىكى) ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ قەدىمكى خەۋەر سىستېمىسى ھېسابلىنىدىغان ۋە كۈنىمىزدە ئىشلىتىۋاتقان يېزىقنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى بولغان ئىشارەتلەرنى تاپتى.
  • شانلىئۇرفانىڭ ئۆرەنجىك يېزىسىغا يېقىن بىر يەرگە جايلاشقان ۋە دۇنياغا داڭلىق گۆبەكلى تەپەگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا.              


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر