تارىختىكى بۈگۈن: 8 – فېۋرال

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1141523
تارىختىكى بۈگۈن: 8 – فېۋرال
  • ياپونىيە خىتاينىڭ لۈشۈن پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، رۇسىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنى سۇغا چۆكتۈرۈشى ۋە رۇسىيە پاراخوتلىرىنىڭ ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن، ئىككى يىلغا سوزۇلغان رۇسىيە-ياپونىيە ئۇرۇشى پارتلىدى.
  • 1921-يىل 8-فېۋرال تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئانتەپ شەھىرىگە، ئازادلىق ئۇرۇشىدا فىرانسىيە ئارمىيەسىگە قەھرىمانلارچە قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبىدىن «غازى» ئۇنۋانى بېرىش قانۇن تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، شەھەرنىڭ ئىسمى «غازىئانتەپ» بولدى.
  • 1922-يىل 8-فېۋرال ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋورېن گ.خاردىڭ دۇنيادىكى تۇنجى رادىيونى ئاقسارايدا تونۇشتۇردى.
  • 1935-يىل 8-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا، تۈرك ئاياللىرى تۇنجى قېتىم سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقىدىن پايدىلاندى. 18 ئايال پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلاندى.
  • 1951-يىل 8-فېۋرال ئاتاتۈركنىڭ بېقىۋالغان قىزى ۋە تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئايال ھەربىي ئۇچقۇچىسى سابىھا گۆكچەن «كورېيە ئۇرۇشى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندى. سابىھا گۆكچەننىڭ بۇ ھەرىكىتى غەرب تاراتقۇلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىندى. بىراق، سابىھا گۆكچەننىڭ تەلىپى ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ئايال ئۇچقۇچى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئەمەلگە ئاشمىدى. ئۇ تۈركىيە ۋە دۇنيادا تۇنجى ئايال ھەربىي ئۇچقۇچى ئىدى.
  • 1963-يىل 8-فېۋرال، ئىراقتا، ئابدۇسالام ئارىفنىڭ باشچىلىقىدىكى «بائاس» چى ئوفېتسىرلار ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى، باش مىنىستىر قاسىم ئۆلتۈرۈلدى.    


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر