تارىختىكى بۈگۈن: 02.02.2019
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
بۈگۈن 2019 – يىلى 2- فېۋرال.
ئالېكساندېر سېلكىرك 4 يىل، 4 ئايغىچە چىلى ساھىللىرىدىن 400 دېڭىز مىلى ئۇزاقلىقتىكى (ئەينى چاغدىكى ئىسمى بىلەن) «Isla Más a Tierra» دەپ ئاتىلىدىغان ئارالدا ئۆزى يالغۇز ياشىغاندىن كېيىن، 1709 – يىلى 2 – فېۋرالدا ۋۇدېس رەگېرس تەرىپىدىن قۇتقۇۋېلىنغان ئىدى.
دانىئەل دوفې بۇ ۋەقەدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ «Robinson Crusoe» ناملىق ھەممىگە مەشھۇر رومانىنى يازغان ئىدى. ھەتتا ئارالنىڭ ئىسمىمۇ 1966 – يىلى چىلى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «Robinson Crusoe» دەپ ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.
**** * ***
1970 – يىلى 2 – فېۋرالدا ئەنگلىيەلىك ماتېماتىكا مۇتەخەسسىسى، تارىخشۇناش ۋە جەمئىيەت ئوبزورچىسى شۇنداقلا نوبىل مۇكاپىتىغا ئېرىشكەن بېرتراند رۇسسېل ۋاپات بولغان ئىدى.
ئۇ ھاياتى بويىچە ئۇرۇشقا قارشى چىققان بولۇپ، ئەركىن سودا ۋە ئىمپېرىيالىزمغا قارشى كۆرەشنى داۋاملىق قوللىغان ئىدى. تىنچلىقپەرۋەر پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن 1 – دۇيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قاماق جازاسى بېرىلگەن ئىدى. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئادولوف گىتلېرگە قارشى سەپەۋرەلىك باشلىغان ۋە ۋىيېتنام ئۇرۇشىدىكى پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەنقىت قىلغان ئىدى. رۇسسېلنىڭ يادرولۇق قوراللىنىشقا قارشى ئېلىپ بارغان ئاخىرىقى پائالىيەتلىرىدىن بىرسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرگە قارشى يولغا قويغان سىياسەتلىرى ۋە پوزىتسىيەنى تەنقىد قىلىپ دوكلات ئېلان قىلىش ئىدى.
بېرتراند رۇسسېل كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى قوللاپ يازغان ماقالىلىرى يۈزىسىدىن 1950 – يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.
2000 – يىلى 2 – فېۋالدا پىل چىشى ساھىلى دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئافرىقا چىمپېيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا شاللانغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ دىكتاتور رەھبىرى تەرىپىدىن بىر ھەربىي لاگېرغا سولىۋتىلگەن ئىدى. 2000 – يىلى ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ كېيىنكى يىللاردا پىل چىشى ساھىللىرى دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى، 2006 – يىللىق دۇنيا لوڭقۇسىنى تالىشىش مۇسابىقى بىلەن 2010 يىللىق دۇنيا لوڭقۇسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن پۇتبول كوماندىلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات دوكلاتى 2007 – يىلى 2 – فېۋرالدا ئېلان قىلىندى. يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئىنسانىيەت تۇرمىشىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى. ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىۋاتقان سېرا گازىنىڭ تەسىرىدە، دۇنيادا يىل بويىچە قۇرۇغلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋادا كۆرۈلىۋاتقان كىلىمات ئىسسىپ كېتىش مەسىلىسىگە قارىتا «يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى» دەپ نام بەرگەن ئىدى. يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ھازىرمۇ دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا تۇرماقتا.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا تارىختىكى بۈگۈن ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...