تارىختىكى بۈگۈن: 28 – يانۋار

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1134489
تارىختىكى بۈگۈن: 28 – يانۋار
  • 1820-يىلى 28-يانۋار ئانتاراكتىكا قىتئەسى بايقالدى.
  • ئانتاراكتىكانى بايقاش مۇساپىسى مىلادىدىن بۇرۇنقى 300-يىللاردىن 600-يىللارغا تۇتىشىدۇ. يۇنان پەيلاسوپلىرىنىڭ يەر شارىنىڭ سىممېترىك شەكىلگە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرۇشى ئۈچۈن جەنۇبتا غايەت زور زېمىن پارچىسىنىڭ بولۇشى كېرەكلىكى چۈشەنچىسى بىلەن باشلانغان بۇ مۇساپە، يۈز يىللارغىچە ئانتاراكتىكا قىتئەسىنى ئىزدەش بىلەن ئۆتتى.  ئوخشىمىغان ھەرىكەتلەر ئۇ ۋاقىتقىچە ئانتاراكتىكا قىتئەسىنى بايقاشقا يېقىنلاشقان بولسىمۇ، ئەمما فابىيان گوتلىتېب ۋون بېللىڭشاۋسېن (Fabian Gottlieb von Bellingshausen) ۋە مىكائىل پېتروۋىچ لازارېۋ (Mikhail Petrovich Lazarev ) باشچىلىقىدىكى ئەترەت، ئانتاراكتىكا بىرىنچى بولۇپ بايقىغان گۇرۇپپا بولۇپ قالدى.
  • 1986-يىلى 28-يانۋار ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) نىڭ كولۇمبىيە ئالەم ئايروپىلانىدىن كېيىن ئىشلىتىشكە باشلىغان ئىككىنچى ئالەم ئايروپىلانى چەلىنجېر كۆككە كۆتۈرۈلۈپ 73 سېكۇنت ئۆتكەندە پارتلاپ كەتتى. 1983-يىلى 4-ئاپرېل ئالەم ئايروپىلانىدا تۇنجى قېتىم ئۇچۇشنى باشلىغان، توققۇز قېتىم يەر شارى ئوربىتاسىغا كىرگەن چەلىنجېردىكى بەش ئاسترونوم ۋە ئىككى ئوقۇتقۇچى جېنىدىن ئايرىلدى. يېقىلغۇ موتورىدىن چىققان كاشىلا سەۋەبىدىن ۋەقەنىڭ كېلىپ چىققانلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
  • 1932-يىلى ياش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە زامانىۋىيلىشىش تىرىشچانلىقى يۇقىرى سۈرئەتتە داۋاملاشتى. بۇ تىرىشچانلىقلار دائىرىسىدە باشلانغان گۈزەللىك مۇسابىقىلىرىنىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىكى شۇ يىلى 28-يانۋار ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىدە كەرىمان ھالىس بىرىنچى بولدى. كەرىمان ھالىس ئەشۇ يىللاردا چوڭ سودىگەر بولغان دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، بېلگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەللىك مۇسابىقىسىگە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتناشتى. كەرىمان ھالىس بېلگىيەگە بېرىپ، بىرىنچى بولۇپ قايتتى ۋە تۈركىيەنىڭ تۇنجى «دۇنيا گۈزىلى» بولۇپ قالدى. شۇ يىللاردا دۆلىتىنى سۆيۈندۈرگەن دۇنيا گۈزىلى 2012-يىلى 28-يانۋار ئالەمدىن ئۆتتى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر