تارىختىكى بۈگۈن: 25 - يانۋار

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1133212
تارىختىكى بۈگۈن: 25 - يانۋار
  • مەھمۇت قەشقىرى1072-يىلى 25-يانۋار تۇنجى قېتىم تۈرك تىلىدا يېزىلغان لۇغەت ھېسابلىنىدىغان ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» دەپ نام بېرىلگەن ئەسەرنى يېزىشقا باشلاپ، 1074-يىلى 10-فېۋرال يېزىپ پۈتكۈزدى.
  • ئوسمانلى دۆلىتى1363 -يىلى 25-يانۋار «سېرب سىندىغى» ئۇرۇشىدا، ئەھلى سەلىپ ئىتتىپاقىغا قارشى غەلىبە قىلدى.
  • «سېرب سىندىغى» ئۇرۇشى 1364-يىلى 20 مىڭ سېرب، ھۇن ۋە بۇلغارلاردىن تەشكىللەنگەن ئەھلى سەلىپ ئىتتىپاقى، ئوسمانلى دۆلىتىنى بالقان رايونىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن باشلىغان ئۇرۇش ئىدى.
  • 1881-يىل 25-يانۋار توماس ئېدىسون بىلەن ئالېكساندېر گراھام بېل تېلېفون شىركىتىنى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن، تۇنجى قېتىملىق قىتئەلەر ئارا تېلېفون ئالاقىسى بارلىققا كەلدى.
  • 1918-يىل 25-يانۋار سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. 1917-يىلى فېۋرالدا پارتلىغان ئىنقىلاب بىلەن چاررۇسىيە ئىمپېراتورلۇقى ئاغدۇرۇلدى.
  • 1919-يىل 25-يانۋار 1-دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغان كېلىشىملەر ئىمزالانغان پارىژ تىنچلىق كونفېرانسىدا، خەلقئارالىق تىنچلىقنى ۋە خەۋپسىزلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان، ئۇنى داۋام قىلىدۇرىدىغان مىللەتلەر جەمئىيىتىنى قۇرۇش قارار قىلىندى. بۇ جەمئىيەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن بۇرۇن قۇرۇلدى.
  • 2006-يىلى 25-يانۋار دۇنيادا ئەڭ چوڭ يەر شارىلىشىشقا قارشى ھەرىكەتلەردىن بىرى بولغان «ئىككىنچى يەر شارىلىشىش ھەرىكىتى» نىڭ قوللىغۇچىلىرى، دۇنيا مىقياسىدا نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش، ئىستراتېگىيەلەرنى بېكىتىش ۋە دۇنيادىكى ھەرىكەتلەردىن بىر-بىرىنى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «دۇنيا ئىجتىمائىي مۇنبىرى» نى ۋېنېزۇئېلادا باشلىدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر