تارىختىكى بۈگۈن: 24.01.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1132502
تارىختىكى بۈگۈن: 24.01.2019

 

 

بۈگۈن 2019يىلى 24 - يانۋار.

1946يىلى 24يانۋاردا ب د ت خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە كومىتېتى قۇرۇلدى. ب د ت نىڭ ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى لوندوندا تۇنجى قېتىم چاقىرىلغىنىدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، رۇسىيە، فىرانسىيە ۋە خىتاي بىرلىكتە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە كومىتېتى قۇرۇلۇش تەكلىپىنى سۇنغان بولۇپ، تەكلىپ قوبۇل قىلىنىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 11 دۆلەت بىلەن كانادا بۇ كومىتېتنى قۇرۇپ چىققان ئىدى.

1993يىلى 24 - يانۋاردا يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئۇغۇر مۇمجۇ ئەنقەرەدە ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئاپتوموبىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە، ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئارىدىن 24 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ سۇيىقسەت تېخىچە ئېنىقلانمىدى.

1994يىلى 24 - يانۋاردا تۈركىيەنىڭ تۈنجى خەۋەرلىشىش سۇنئىي ھەممراھى «Türksat 1A» قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، 12 مىنۇت 12 سىكۇنت ئۆتكەندىن كېيىن ئوكيانۇسقا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.

2001يىلى 24يانۋاردا دىياربەكىر ساقچى ئىدارسى باشلىقى غاففار ئاككان 4 قوغدۇغۇچىسى ۋە شوپۇرى بىلەن قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ۋاپات بولدى. قانچىلىغان يىللارغىچە ھەم پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى، ھەم ھىزبۇللاھقا قارشى كۈرەشكە ئىنتايىن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى.

2004يىلى 24يانۋاردا ناسانىڭ «Opportunity» دەپ نام بەرگەن قوشماق كېمىسى مارسقا قۇندى. مارسنى تەكشۈرگۈچى «B» ياكى «MER-B» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ كېمىلەر ناسانىڭ مارسنى تەكشۈرۈش پىروگراممىسىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە، 2003يىلى 7ئىيۇلدا قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر