تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 22 - يانۋار

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 22 - يانۋار
  •  1517 – يىلى 22 – يانۋاردا بىرىنچى سەلىم قوماندانلىقىدىكى ئوسمانلى دۆلىتى قوشۇنى رىدانىيە ئۇرۇشىدا مەملۇكىيلار قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ غەلىبە نەتىجىسىدە مەملۇكىيلار دۆلىتى يىمىرىلىپ، زېمىنلىرى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىردى. مەملۇكىيلار تارىخقا ئايلاندى، ئوسمانلىلار مىسىرغا ھۆكۈمران بولدى، خەلىپىلىك ئوسمانلىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. مىسىردىكى مۇبارەك يادىكارلىقلار ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلدى. ئوسمانلى دۆلىتى ياۋروپانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلاندى.
  •  1905 – يىلى 22 – يانۋار... بىرىنچى قېتىملىق رۇسىيە ئىنقىلابى باشلىدى. چاررۇسىيە قىسىملىرىنىڭ قىشلىق سارايغا ئىلتىماس سۇنۇش ئۈچۈن يولغا چىققان ئىشچىلارنى ئوققا تۇتۇپ 500 ئىشچىنى ئۆلتۈرۈشى بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى ۋە ئۇ كۈن تارىخ سەھىپىلىرىدىن «قانلىق كۈن» دەپ ئورۇن ئالدى. بۇ ۋەقە، سوۋېت ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ ھېسابلىنىدۇ. كېيىنچە بۇ ۋەقەلەر «1905 – يىل ئىنقىلابى» دەپ ئاتالدى.
  •  1939 – يىلى 22 – يانۋار... كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈركۈم تەتقىقاتچىلىرى ئۇران ئاتومىنى پارچىلاشقا مۇۋەپپەق بولدى.
  •  1989 – يىلى 22 – يانۋار... سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇنجى قېتىم «خەلقئارا گۈزەللەر مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن ئىشتىراك قىلغان مەلتەم ھاقئارار بىرىنچى بولدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر