ئەسرا يىلدىز كاھرامان تەيۋەن ماھىرىغا يىڭىلدى
تۈركىيە ئايال بوكسىيورى ئەسرا يىلدىز كاھرامان 2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ بوكس مۇسابىقىسىدە، تەيۋەنلىك ماھىر لىن يۈتىڭغا يىڭىلىپ، مىس مېدالغا ئېرىشتى.
2172865
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئاياللار 57 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يېرىم ھەل قىلغۇچ بوكس مۇسابىقىسىدە، تۈركىيە ئايال بوكسىيورى ئەسرا يىلدىز كاھرامان تەيۋەنلىك ماھىر لىن يۈتىڭغا 5 كە قارشى 0 نەتىجە بىلەن يىڭىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى. ئۇ بۇ نەتىجىسى بىلەن مىس مېدالغا ئېرىشتى.
ئەسرا يىلدىز كاھرامان تۇنجى قېتىم قاتناشقان 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ بەشىنچى بولغان ئىدى. 27 ياشلىق ئايال بوكسىيور 2024-يىللىك پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ بىرىنچى مېدالىغا ئېرىشكەن بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-ئىسلاندىيە مۇسابىقىسى ئىزمىردە ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى ئىزمىردە ئىسلاندىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.