تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى خىتاي كوماندىسىنى يەڭدى
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى.
2172080
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خىتاي كوماندىسىنى 2 گە قارشى 3 نومۇر بىلەن يەڭدى.
بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدە خىتاي كوماندىسى 23 كە قارشى 25 نومۇر بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار كوماندىسى 21 گە قارشى 25 نومۇر بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ نەتىجىنى 1 گە قارشى 1 گە كۆتۈردى.
تۈركىيە كوماندىسى مەلىسسا ۋارگاس ۋە ئەبرار قاراقۇرتنىڭ نومۇرلىرى بىلەن ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىدە 24 كە قارشى 26 نومۇر بىلەن خىتاي كوماندىسىنى يېڭىپ، مۇسابىقە نەتىجىسىنى 1 گە قارشى 2 گە كۆتۈردى. تۆتىنچى مەيداندا 21 گە قارشى 25 نومۇر بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن خىتاي كوماندىسى مۇسابىقە نەتىجىسىنى 2 گە قارشى 2 گە كۆتۈرۈپ تەڭلەشتۈردى.
ئاخىرقى پەيتلەرگىچە ناھايىتى كەسكىن ئۆتكەن مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مەيدانىدا، خىتاي كوماندىسىنى 12 گە قارشى 15 نومۇر بىلەن يەڭگەن تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى، ئولىمپىك مۇسابىقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى.
تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 8-ئاۋغۇست يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدىغان ئىتالىيە-سېربىيە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-ئىسلاندىيە مۇسابىقىسى ئىزمىردە ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى ئىزمىردە ئىسلاندىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.