تۈركىيە كوماندىسى خىتاي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ
تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئەتە (6-ئاۋغۇست) 2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋالىبول چارەك ھەل قىلغۇچتا، خىتاي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.
2171549
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە-خىتاي ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسى 6-ئاۋغۇست (2024) فىرانسىيە پايتەختى پارىژنىڭ «شىمالىي پارىژ تەنتەربىيە مەيدانى» دا ئەنقەرە ۋاقتى 10.00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 1.00 دە باشلىنىدۇ.
تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى C گۇرۇپپىسىدىكى مۇسابىقىلىرىدە، ئىككى قېتىم غەلىبە قىلىش، بىر قېتىم يىڭىلىشتەك نەتىجىسى بىلەن گۇرۇپپىدا ئىككىنچى بولغان ۋە چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.
خىتاي ئاياللار كوماندىسى A گۇرۇپپىدا، ئامېرىكا، سېربىيە ۋە فىرانسيە كوماندىلىرىنى يىڭىپ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
تۈركىيە كوماندىسى خىتاي كوماندىسىنى مەغلۇب قىلغان ئەھۋالدا، ئىتالىيە-سېربىيە مۇسابىقىسىدە ئۇتقان كوماندا بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-ئىسلاندىيە مۇسابىقىسى ئىزمىردە ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى ئىزمىردە ئىسلاندىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.