تارىخىي قىرىقپىنار مۇسابىقىلىرىنىڭ پالۋانلىرى بېكىتىلدى

63-نۆۋەتلىك تارىخىي قىرىقپىنار ياغلىنىپ چېلىشىش مۇسابىقىلىرىنىڭ پالۋانلىرى ئېنىقلاشتى.

2160366
تارىخىي قىرىقپىنار مۇسابىقىلىرىنىڭ پالۋانلىرى بېكىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىل 663-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن يۇنېسكو (UNESCO) نىڭ كونكرېت بولمىغان مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن چېلىشىش مۇسابىقىلىرى تۆت كۈن داۋاملاشتى.

بۇ يىلقى 663-نۆۋەتلىك قىرىقپىنار ياغلىنىپ چېلىشىش مۇسابىقىلىرىگە 752 پالۋان قاتناشتى ۋە ئارىسىدىن 40 باش پالۋان تاللىنىپ چىقتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىككى يىلدىن بېرى باش پالۋانلار ئىچىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن مۇستافا تاش بىلەن يۇسۇفجان زەيبەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللاندى.

 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، يۇسۇفجان زەيبەك رەقىبى مۇستافا  تاشنى يىڭىپ، ئارقىمۇ ئارقا ئالتۇن كەمەرنى باغلىدى. يۇسۇفجان زەيبەك ئەگەر كېلەر يىلى (2025) مۇ قىرىقپىناردا چېمپىيون بولسا، ئالتۇن كەمەرنىڭ مەڭگۈلۈك ساھىبى بولىدۇ.

بۇ يىلقى تارىخىي قىرىقپىنار ياغلىنىپ چېلىشىش مۇسابىقىسىدە، مۇستافا تاش ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى. سەرخات گۆكمەن ۋە ھۈسەيىن گۈمۈشئالان ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر