ئەردوغان  ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تۈركىيە كوماندىسى ماھىرى مەرىھ دەمىرالنى «كۈلرەڭ بۆرە» بەلگىسى ئىشارىتى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا جازالاش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

2159793
ئەردوغان  ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى
merih demiral.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ، 2024 – يىللىق ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى دائىرىسىدە، ئاۋىستىرىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەن تۈركىيە دۆلەتلىك ئا مىللىي پۇتبول كوماندىسى ماھىرى مەرىھ دەمىرالنى «كۈلرەڭ بۆرە» بەلگىسى ئىشارىتى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈشكە باشلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئەردوغان قازاقىستان زىيارىتىدىن قايتىشىدا ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ «كۈلرەڭ بۆرە» بەلگىسى ئىشارىتى سەۋەبىدىن، تۈركىيە مىللىي پۇتبول كوماندىسى ماھىرى مەرىھ دەمىرالنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«گېرمانىيەلىك پۇتبولچىلارنىڭ فورمىسىدا بۈركۈتنىڭ سۈرىتى بار، فىرانسىيەلىك پۇتبولچىلارنىڭ فورمىسىدا خورازنىڭ سۈرىتى بار. بىراۋ ئوتتۇرىغا چىقىپ،  ئۇلارغا: <نېمىشقا بۇنداق فورما كىيىسىلەر؟> دەپ دەپ تەكشۈرۈش باشلىتىدىغان ئىش بارمۇ؟»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە ئا مىللىي پۇتبول كوماندىسىنى قوللاش ئۈچۈن، ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركىيە-گوللاندىيە مۇسابىقىسىنى تەنتەربىيە مەيدانىدىن كۆزتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ئارىلىقتا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەتە ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 22:00 دە بېرلىندا باشلىنىدىغان - تۈركىيە - گوللاندىيە چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى گېرمانىيەگە بارىدىغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئۆزىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى  جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ھەم داۋاملىق ئالاقە قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەم خەلقئارالىق يىغىنلاردا ھەم تېلېفوندا پات - پات كۆرۈشىدىغانلىقىنى  تەكىتلىدى.

ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاۋىستىرىيە مۇسابىقىسىدىكى «كۈلرەڭ بۆرە» بەلگىسى ئىشارىتى سەۋەبىدىن، تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى ماھىرى مەرىھ دەمىرالغا 2 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشماسلىق جازاسى بەردى.

ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، مەرىھ دەمىرال تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدە ناتوغرا پوزىتسىيەلەردە بولغانلىقى، پۇتبول ساھەسىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈپ، ئومۇمىي ھەرىكەت پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن چەكلەنگەن.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ قارارغا  ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

ئەگەر قارار ئۆزگەرتىلمىسە، تۈركىيە كوماندىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گوللاندىيە كوماندىسىنى يەڭگەن ئەھۋال ئاستىدا،  مەرىھ دەمىرال تۈركىيە كوماندىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر