ئەردوغان مۇسابىقەنى بېرلىندا نەق مەيداندىن كۆزىتىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە دۆلەتلىك ئا مىللىي پۇتبول كوماندىسىنىڭ گېرمانىيەدە گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن چۈشىدىغان چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقەسىنى بېرلىندا نەق مەيداندىن كۆزىتىدۇ.

2159329
ئەردوغان مۇسابىقەنى بېرلىندا نەق مەيداندىن كۆزىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ شۇشا شەھىرىدە 6-ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى غەيرىي رەسمىي باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش پىلانىنى بىكار قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 2024 – يىللىق ياۋروپا چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقەسىدە، تۈركىيە دۆلەتلىك ئا مىللىي پۇتبول كوماندىسىنى قوللاش ئۈچۈن، گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىنغا يېتىپ بارىدۇ.

مۇسابىقە شەنبە كۈنى ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 22.00 دە باشلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر