تۈركىيە ئۈچىنچى قېتىم سەككىز كوماندا ئىچىگە كىردى

تۈركىيە كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسى (EURO2024) چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

2158614
تۈركىيە ئۈچىنچى قېتىم سەككىز كوماندا ئىچىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى 2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى 16 كوماندا شاللاش مۇسابىقىلىرىدە، ئاۋستىرىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، چارەك ھەل قىلغۇچ (سەككىز كوماندا) مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

تۈركىيە كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ بىر مىنۇت ئۆتەر-ئۆتمەي مەرىھ دەمىرەلنىڭ بىر كاللا توپى بىلەن نەتىجىنى 1 گە چىقاردى. 59-مىنۇتتىمۇ مەرىھ دەمىرەل بىر كاللا توپ بىلەن نەتىجىنى 0 گە قارشى 2 گە چىقاردى. ئاۋستىرىيە كوماندىسى بولسا، 66-مىنۇتتا بىر توپ كىرگۈزدى.

تۈركىيە كوماندىسى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن، تارىخىدا ئۈچىنچى قېتىم ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولدى.

كوماندىنىڭ تېخنىكا دىرېكتورى ۋىنچېنسو مونتېللا: «كوماندا روھىنى ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە نامايان قىلدۇق. بۇ يەردە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈرك ھەۋەسكارلىرىنى ۋە دۇنيادىكى تۈركلەرنى خۇشال قىلغان بولساق، بۇنىڭدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىمەن. ھازىر غەلىبىمىزنى تەبرىكلەيمىز، ئەمما ئەتە (3-ئىيۇل) دىن باشلاپ يەنە مەشىقىمىزنى باشلايمىز، چۈنكى گوللاندىيە بىلەن بولىدىغان مۇسابىقىمىز يېقىنلاشتى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر