تۈركىيە ئەرلەر ۋالىبول كوماندىسى ئاخىرقى 16 ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى
تۈركىيە دۆلەتلىك ئەرلەر ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى 16 ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك ئەرلەر ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ <د> گۇرۇپپىسىنىڭ 5- شۇنداقلا ئاخىرقى مۇسابىقىسىدە ساھىبخان دۆلەت ئىسرائىلىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، ئاخىرقى 16 ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى.
تۈركىيە دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ئىسرائىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى <د> گۇرۇپپىسىدا بەش مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ، ئىككى مەيدان غەلىبە قىلدى، ئۈچ مەيداندا مەغلۇپ بولدى.
گۇرۇپپىسىدا سەككىز نومۇرغا ئېرىشىپ تۆتىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان «سېتكىنىڭ يېگىتلىرى (فىلەنىڭ ئەفەلەرى)» ئاخىرقى 16 ئايلانمىنىڭ <ب> گۇرۇپپىسىدا بىرىنچى بولغان سىلوۋېنىيە كوماندىسى بىلەن مەيدانغا چۈشىدۇ؛ مۇسابىقە بۇلغارىيەنىڭ ۋارنا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئەردوغان خىزمەتداشلىرى بىلەن ۋاسكېتبول ئوينىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋاسكېتبول ئوينىدى.