تۈركىيە-پولشا ئاياللار كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسى ئەتە ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى 30-ئاۋغۇست (2023) ياۋروپا چېمپىيونلۇقى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، پولشا كوماندىسى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ.

2030592
تۈركىيە-پولشا ئاياللار كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسى ئەتە ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى ئەتە پولشا كوماندىسى بىلەن ياۋروپا چېمپىيونلۇقى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ.

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە، ئەنقەرە ۋاقتى 18.00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 21.00 دە باشلىنىدۇ. ت ر ت سپور قانىلى (TRT Spor) مۇسابقە جەريانىنى نەق مەيداندىن تارقىتىدۇ.

تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى C گۇرۇپپىسىدا بەش مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىپ، 16 كوماندىنىڭ ئىچىگە كىردى. بېلگىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

پولشا كوماندىسى A گۇرۇپپىدا تۆت مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلدى. سېربىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. گۇرۇپپىسىدا ئىككىنچى بولۇپ 16 كوماندا ئىچىگە كىرگەن ۋە گېرمانىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭگەن پولشا كوماندىسى، چارەك ھەل قلغۇچ مۇسابىقىدە تۈركىيە كوماندىسىنىڭ رەقىبىگە ئايلاندى.

بىريۇسسېل 1-سېنتەبىر (2023) جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان يېرىم ھەل قىلغۇچ ۋە 3-سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ساھىبخانلىق قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر