مايكېل جورداننىڭ ئايىغى 2 مىليون 200 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
دۇنياغا داڭلىق ۋاسكېتبول ماھىرى مايكېل جورداننىڭ كىمئارتۇق قىلىپ بازارغا سېلىنغان تەنھەرىكەت ئايىغى 2 مىليون 200 مىڭ دوللارغا سېتىلىپ رېكورت ياراتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايكېل جورداننىڭ Sotheby كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش سارىيى تەرىپىدىن ئىككى مىليون دوللار بىلەن تۆت مىليون دوللار ئارىلىقىدا سېتىلىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلەنگەن تەنھەرىكەت ئايىغى، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىدە سېتىلغان ئەڭ قىممەت بۇيۇملارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى؛ ئاياغ 2 مىليون 200 مىڭ دوللارغا سېتىلدى.
ئۇنىڭ ئاياغلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى رېكورت باھاسى 1 مىليون 470 مىڭ دوللار ئىدى.
ۋاسكېتبول ماھىرى مايكېل جورداننىڭ NBA (ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى)نىڭ 1998 – يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كىيگەن بىر فورمىسى ئۆتكەن يىلى 10 مىليون 100 مىڭ دوللارغا سېتىلغانىدى.
جەمئىي ئالتە قېتىم NBA چېمپىيونلۇقىنى، ئىككى قېتىم ئولىمپىك ئالتۇن مېدالىنى ۋە باشقا نۇرغۇن مۇكاپاتلارنى قولغا كەلتۈرگەن مايكېل جوردان، تارىختىكى ئەڭ مەشھۇر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.