ناسىر ئەلخىلەيفى يەر تەۋرەشلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلارغا 50 مىليون لىرا ئىئانە قىلدى

تۈركىيەدىكى بارلىق تەنتەربىيە قاناللىرى «مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ» دېگەن نام ئاستىدا بىرلەشمە تارقىتىش ياردەم توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

1953612
ناسىر ئەلخىلەيفى يەر تەۋرەشلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلارغا 50 مىليون لىرا ئىئانە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۈتكۈل تۈركىيەنى زىلزىلىگە سالغان ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدىن كېيىن، تۈركىيەدىكى بارلىق تەنتەربىيە قاناللىرى «مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ» دېگەن نام ئاستىدا بىرلەشمە تارقىتىش بېرىپ، يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم توپلاش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پارىژ سانت گېرمان پۇتبول كۇلۇبى ۋە بېئىن مېدىيا گۇرۇھى باشلىقى ناسىر ئەلخىلەيفى «مۈرىنى مۈرىگە تىرىپ» ياردەم توپلاش تېلېۋىزىيە پائالىيىتىگە تېلېفون قىلىپ: «بىز ئازابىڭلارنى چىن قەلبىمىزدىن ئورتاقلىشىمىز. سىلەر بىلەن بىرلىكتە بولۇش بىزنىڭ بۇرچىمىز. بۇ سەپەرۋەرلىككە قانچىلىك زور ياردەملەرنى قىلغانلىقىڭلارنى ھۆرمەت بىلەن كۆرۈۋاتىمىز. بىز سىلەرنى ئائىلىمىزدەكلا كۆرىمىز» دېدى.

ناسىر ئەلخىلەيفى باشچىلىقىدىكى ئورگانلار بۇ قېتىمقى ياردەم توپلاش پائالىيىتىگە تەخمىنەن 50 مىليون لىرا ئىئانە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر