پۇتبول دۇنياسى ترابزوندا «بىر يۈرەك» كە ئايلاندى

تۈركىيەدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

1947685
پۇتبول دۇنياسى ترابزوندا «بىر يۈرەك» كە ئايلاندى
Trabzonspor v Basel 7.jpg
Trabzonspor v Basel 6.jpg
Trabzonspor v Basel 5.jpg
Trabzonspor v Basel 3.jpg
Trabzonspor v Basel ..jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترابزونسپور كوماندىسى بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ باسېلى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، تاماشىبىنلار «بىر يۈرەك» بولدى. ئوخشىمىغان كوماندىنىڭ مەستانىلىرى ۋە تاماشىبىنلار، ھەر خىل رەڭلىك مايكا-بايراقلار بىلەن سەھنىنى تولدۇردى.

ئاپەتكە ئۇچرىغانلاردىن ترابزون شەھىرىگە كېلىپ مۇسابىقىنى كۆرۈشنى خالىغانلار، كۇلۇبنىڭ ئالاھىدە سەھنىسىدە كۈتۈۋېلىندى.

مۇسابىقىدىن ئىلگىرى ئاپەتتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنالارنىڭ خارابىلىكلىرىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارغا ئاتاپ مەخسۇس خوروگرافىيە تەييارلاندى.

خوروگرافىيەدە، خارابىلىك ئاستىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان بىر بوۋاق، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى، مېكسىكا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئۆلۈپ قالغان ئاپشاركىسى، ئاپەتتە تۈركىيەگە ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرى ۋە تۈركىيە بايرىقى كۆرسىتىلدى.

مۇشەبىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئاپەتتە جېنىدىن ئايرىلغان پۇقرالار ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇلدى. مۇسابىقە باشلىنىپ تۆت مىنۇت 17 سېكۇنت بولغاندا، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن ۋاقىتقا سىمۋول قىلىنغان «تۈركىيە مۇزلىما ترابزون يېنىڭدا» دېگەن شوئار چۈشۈرۈلدى.

يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 11 شەھەرنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان لوزۇنكىلار مەيدانغا ئېسىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ شەھەرلەرنىڭ ئاپتوموبىل پلاكاسىنىڭ نومۇرىغا توغرا كەلگەن مىنۇتلاردا، تاماشىبىنلار «بىز بۇ يەردە» دەپ شوئار توۋلىدى.

ترابزونسپور ماھىرلىرى مۇسابىقىدىن ئىلگىرى بەدەننى قىزىتىش ئۈچۈن مەيدانغا ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شەھەرلەر ۋە پلاكا نومۇرى يېزىلغان قارا رەڭلىك مايكا كىيىپ چىقتى. مۇسابىقە جەريانىدىمۇ قارا رەڭلىك مايكا كىيدى.

باسېلى كوماندىسىنىڭ ماھىرى زەكى ئامدوۋنىمۇ «كەچمىش تۈركىيەم» دېگەن خەت يېزىلغان مايكا كىيىپ، پائالىيەتنى قوللىدى.

مۇسابىقىدىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) نىڭ تۈركچە ۋە ئەرەبچە يېزىلغان «بىز يېنىڭلاردا» دېگەن خەت يېزىلغان لوزۇنكا مەيداننىڭ بۇلۇڭىغا ئېسىلدى.

ترابزونسپور كوماندىسى ئاپەت سەۋەبىدىن قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئازىراق بولسىمۇ بىزنى كۈلۈمسىرەتتى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 65 مىنۇت بولغاندا، ترابزونسپور كوماندىسىنىڭ ماھىرى لارسېن باسېل كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى.

ترابزونسپور-باسېلى مۇسابىقىسى 0 گە قارشى 1 نەتىجە، يەنى ترابزونسپور كوماندىسىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر