ئاۋجى: ھاياتىمىزدىكى ئەڭ مۈشكۈل مۇسابىقىسىگە چۈشۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز

ترابزونسپور كوماندىسى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىدە باسېل كوماندىسى بىلەن مەيدانغا چۈشىدۇ.

1947224
ئاۋجى:  ھاياتىمىزدىكى ئەڭ مۈشكۈل مۇسابىقىسىگە چۈشۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترابزونسپور كوماندىسى مەشقاۋۇلى ئابدۇللاھ ئاۋچى قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش تۈپەيلى ئازاب ۋە قايغۇنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابلانماقتىمىز. ھاياتىمىزدىكى ئەڭ مۈشكۈل مۇسابىقىسىگە چۈشۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. بۇ مۇسابىقىنىڭ بىرلەشتۈرۈش، ياخشىلاش كۈچى بىلەن ھەممە بىر يەرگە جەم بولىدۇ، بىر قەلبكە ئايلىنىدۇ» دېدى.

بۈگۈن شەنۆل گۈنەش تەنتەربىيە مەيدانىدا تۈركىيە ۋاقتى 20 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىدىغان مۇسابىقىگە لىتۋالىق دوناتاس رۇمساس رېفىرلىق قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر