ئەردوغان بىرازىلىيەلىك پۇتبولچىغا تەزىيە بىلدۈردى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرازىلىيەلىك پۇتبولچى پېلېنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.
1925900

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بىرازىلىيەلىك پۇتبولچى پىلىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەزىيە باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «مەشھۇر دۇنيا پۇتبولچىلىرىدىن بىرى بولغان پىلىنىڭ ۋاپاتى مېنى قاتتىق قايغۇغا سالدى. بىرازىلىيە خەلقىنىڭ قايغۇسىنى چىن دىلىمدىن ئورتاقلىشىمەن؛ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە، مەستانىلىرىگە ۋە بارلىق تەنھەرىكەتچىلەرگە تەزىيە بىلدۈرىمەن.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا 20 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 20 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى.