ئەردوغان: رونالدونى نابۇت قىلىۋېتىشتى... ئۇنىڭغا سىياسىي جازا يۈرگۈزۈلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرزۇرۇمدا ياشلار بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى.

1923592
ئەردوغان: رونالدونى نابۇت قىلىۋېتىشتى... ئۇنىڭغا سىياسىي جازا يۈرگۈزۈلدى
Cumhurbaşkanı Erdoğan erzurum gençler 2
Cumhurbaşkanı Erdoğan erzurum gençler

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتبولغا بولغان قىزىقىشى بىلەن تونۇلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇچرىشىش جەريانىدا بىر ياشنىڭ «سىز كىرىستىيانو رونالدونى تاللامسىز ياكى لىئونېل مېسسىنىمۇ؟» دېگەن سوئالىغا: «رونالدونى نابۇت قىلىۋېتىشتى. ئەپسۇسكى، ئۇلار رونالدوغا سىياسىي جازا يۈرگۈزدى. رونالدوغا ئوخشاش بىر پۇتبولچىنى مۇسابىقىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا 15 مىنۇت، يېرىم سائەت مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ ئۇنىڭ پىسخىكىسى ۋە ئېنېرگىيەسىنى تۈگەشتۈرۈۋەتتى. رونالدو پەلەستىن دەۋاسىغا ئىگە چىققان بىرى» دەپ جاۋاب بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 37 ياشلىق پۇتبول ماھىرىنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا توختىلىپ: «مەن تاپشۇرۇۋالغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، رونالدو سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارىدىكەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر