ماكرون ماراكەش كوماندىسىغا مەدھىيە ئوقۇدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابقىسىدە، فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن رىقابەتلەشكەن ماراكەش كوماندىسىنى ماختىدى.
1919182
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون قاتار پايتەختى دوھادا فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئافرىقادىن تۇنجى قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگىچە ئۆرلىگەن كوماندا ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ماراكەشنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ ھەل قىلغۇچقا ئۆرلىگەن مۇسابىقىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ: «ماراكەشلىكلەرگە شۇنى دېيىشنى خالايمەن، مۇسابىقىلەشكەن كوماندىلار ھەقىقەتەن چوڭ كوماندىلار. ماراكەش كوماندىسى بۇ دۇنيا لوڭقىسىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، يەنى ئۆز مەجبۇرىيىتىدىن يۇقىرى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى» دېدى.
ئۇ يەكشەنبە كۈنى (2022-يىلى 18-دېكابىر) ئۆتكۈزۈلىدىغان ئارگېنتىنا-فىرانسىيە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىمۇ قاتاردا كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قاتار ئەمىرلىك دىۋانىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، فىرانسىيە-ماراكەش مۇسابىقىسى ئۈچۈن دوھاغا كەلگەن ماكرون، «ئەل بەيت» تەنتەربىيە مەيدانىدا قاتار ئەمىرى شەيخ ئالسانى بىلەن كۆرۈشكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
زەينەپ سۆنمەز مېكسىكادا رېكورت ياراتتى
تۈركىيە ئاياللار تېننس توپ ماھىرى زەينەپ سۆنمەز مېكسىكادا تارىخىي رېكورت ياراتتى.