ئارگېنتىنا-كىرودىيە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ

2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ بىرىنچى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن كىرودىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1918095
ئارگېنتىنا-كىرودىيە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتاردا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنيا لوڭقىسىنىڭ بىرىنچى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى دوھادىكى لۇسايىل تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇسابىقە بۈگۈن (13-دېكابىر) ئەنقەرە ۋاقتى 22.00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 14-دېكابىر 01.00 دە باشلىنىدۇ. مۇسابىقىگە ئىتالىيەلىك دانىيىلې ئورساتو (Daniele Orsato) رېپېرلىق قىلىدۇ.

مۇسابىقە جەريانىنى 1- ت ر ت، 4K -ت ر ت قانال ئېكرانلىرى ۋە trtspor.com.tr ئادرېسىدىن كۆرگىلى بولىدۇ.

بۇ مۇسابىقىدە ئۇتقان كوماندا، ماراكەش-فىرانسىيە مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلغان كوماندا بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقە، ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن كىرودىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا ئۈچىنچى قېتىم بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىشى بولۇپ قالىدۇ. 1994-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا گۇرۇپپىدىن چىقىش مۇسابىقىسىدە، ئارگېنتىنا كوماندىسى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن كىرودىيە كوماندىسىنى ئۇتقان ئىدى. 2018-يىلى رۇسىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا، كىرودىيە كوماندىسى ئارگېنتىنا كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر