قاتار-سېنېگال مۇسابىقىسى، قاتارنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى

2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان قاتار، ئىككىنچى مۇسابىقىسىدە سېنېگالغا 3 كە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.

1911250
قاتار-سېنېگال مۇسابىقىسى، قاتارنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا لوڭقىسى A گۇرۇپپىدىكى ئۆتكۈزۈلگەن قاتار-سېنېگال مۇسابىقىسىدە، سېنېگال كوماندىسى ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

سېنېگال كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ 41 مىنۇت ئۆتكەندە بىرىنچى توپنى قاتارنىڭ ۋاراتاسىغا كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 0-1 گە چىقاردى. 48 مىنۇت ئۆتكەندە سېنېگال كوماندىسى يەنە ئىككىنچى توپنى، 84-مىنۇتتا ئۈچىنچى توپنى كىرگۈزدى.

قاتار كوماندىسى 78-مىنۇتتا سېنېگال ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى.

بۇنىڭ بىلەن، سېنېگال كوماندىسى گۇرۇپپىسىدىكى بىرىنچى قېتىملىق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، گۇرۇپپىدىن چىقىشقا تەييارلاندى. قاتار كوماندىسى بولسا، ھەر ئىككى قېتىملىق مۇسابىقىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى.

بۈگۈن (25-نويابىر) B گۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىران-گاللېر مۇسابىقىسى ئىراننىڭ  غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئىران كوماندىسى 10 ماھىرى قالغان گاللېر كوماندىسىنى قوشۇپ بېرىلگەن مىنۇتلاردا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ مەغلۇب قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر