يىراق شەرق كوماندىسى گېرمانىيە كوماندىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى

ياپونىيە كوماندىسى F گۇرۇپپىدىكى تۇنجى مۇسابىقىسىدە، گېرمانىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلدى.

1910247
يىراق شەرق كوماندىسى گېرمانىيە كوماندىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا ئەڭ كۆپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان گېرمانىيە كوماندىسى بۈگۈن F گۇرۇپپىدا، ياپونىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.

قاتاردىكى خەلقئارا خەلىفە تەنتەربىيە مەيدانىدا، گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن ياپونىيە كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 32 مىنۇت ئۆتكەندە، گېرمانىيە كوماندىسى 11 قەدەمدىن بىر جازا توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ۋە كوماندا ماھىرى ئىلكاي گۈندوغان 11 قەدەمدىن ياپونىيە ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى.

ئەمما، 75-مىنۇتتا  ياپونىيە ماھىرى رىتسۇ دوۋان قولغا كەلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى ۋە نەتىجىنى 1-1 تەڭلەشتۈردى. 83-مىنۇتتا يەنە ياپونىيە ماھىرى تاكۇما ئاسانو نەتىجىنى 1-2 گە چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسابىقە ياپونىيەنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر