مېكسىكا-پولشا مۇسابىقىسى 0-0 ئاخىرلاشتى

قاتارنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 2022-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى (FIFA) C گۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مېكسىكا-پولشا مۇسابىقىسى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.

1909763
مېكسىكا-پولشا مۇسابىقىسى 0-0 ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  قاتارنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 2022-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى C گۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، ئارىدىن 44 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم قارشىلاشقان مېكسىكا بىلەن پولشا كوماندىلىرى تەڭلىشىپ قالدى.

مېكسىكا-پولشا مۇسابىقىسىگە، ئاۋستىرالىيەلىك كرىس بېس (Chris Beath) رېپېرلىق قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 57 مىنۇت ئۆتكەندە پولشا كوماندىسى 11 قەدەمدىن بىر جازا توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، مېكسىكانىڭ تەجرىبىلىك ۋاراتاچىسى ئوچوۋا توپنى توسۇۋالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر