تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى شوتلاندىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى تەييارلىق مۇسابىقىسىدە شوتلاندىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلدى.
1907651

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيارباكىردا تۈركىيە-شوتلاندىيە تەييارلىق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىدە، تۈركىيە كوماندىسى 40-مىنۇتتا قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا بىرتوپ، 49-مىنۇتتا يەنە بىر توپ كىرگۈزدى.
شوتلاندىيە كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ 62-مىنۇتتا تۈركىيە ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى.
مۇسابىقە، تۈركىيەنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.
تۈركىيە كوماندىسى 19-نويابىر (شەنبە) گازىئانتەپتە چېخىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
زەينەپ سۆنمەز مېكسىكادا رېكورت ياراتتى
تۈركىيە ئاياللار تېننس توپ ماھىرى زەينەپ سۆنمەز مېكسىكادا تارىخىي رېكورت ياراتتى.