ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى رۇسىيەنى چەكلىدى

ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) رۇسىيەنىڭ 2024-يىللىق ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسىغا قاتنىشىشىنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1882582
ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى رۇسىيەنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى ئىجرائىيە كومىتېتى كىرودىيەنىڭ ىۋار شەھىرىدە توپلاندى ۋە 9-ئۆكتەبىر (2022) فرانكفۇرتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2024-يىللىق ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىلىرى ئۈچۈن چەك تاشلىدى.

گېرمانىيە 2024-يىللىق ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغان بولۇپ، شاللاش مۇسابىقىلىرىگە قاتناشمايدۇ. لوڭقىنىڭ شاللاش مۇسابىقىلىرىگە 53 دۆلەتنىڭ كوماندىلىرى قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر