تۈركىيە ماھىرلىرى دۇنيا چېلىشىش چېمپىيونلۇقىدا مىس مىدالغا ئېرىشتى

سېربىيە پايتەختى بېلگرادتا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چېلىشىش چېمپىيونلۇقىدا، تۈركىيە ماھىرلىرى گرېكچە چېلىشىش تۈرىدە ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى.

1878767
تۈركىيە ماھىرلىرى دۇنيا چېلىشىش چېمپىيونلۇقىدا مىس مىدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېربىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چېلىشىش چېمپىيونلۇقىدا، تۈركىيە ماھىرلىرىدىن ئەلى جەنگىز، سەلچۇك جان ۋە يۇنۇس ئەمرە باشار گرېكچە چېلىشىش تۈرىدە بىردىن مىس مېدالغا ئېرىشتى.

ئەلى جەنگىز پايتەخت بېلگرادتا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چېلىشىش چېمپىيونلۇقىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، ئىرانلىق رەقىبى ناسەر غاسەم ئەلىزادەنى 1 گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن يەڭدى ۋە مىس مېدالغا ئېرىشتى.

تۈركىيە ماھىرلىرىدىن سەلچۇك جان ۋە يۇنۇس ئەمرەلەرمۇ گرېكچە چېلىشىش تۈرىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىپ، بىردىن مىس مېدالغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر