ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكىس مۇسابىقىسىدە، تۈركىيەلىك ماھىر غەلبە قىلدى

ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكىس مۇسابىقىسىدە، تۈركىيەلىك ماھىر ئەلى ئەرەن دەمىرەزەن پولشالىق ماھىر ئادام كوۋناكىنى (Adam Kownacki) يەڭدى.

1861938
ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكىس مۇسابىقىسىدە، تۈركىيەلىك ماھىر غەلبە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى باركلېيس مەركىزىدە ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكىس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. 10 مەيداندىن ئارتۇق داۋاملاشقان مۇسابىقىدە، تۈركىيەلىك ماھىر ئەلى ئەرەن دەمىرەزەن غەلبە قىلدى.

كەسپىي بوكس مۇسابىقىسىدە تۆت قېتىم ياۋروپا چېمپىيونى بولغان ئەلى ئەرەن دەمىرەزەن،«EC Boxing» كۇلۇبىنىڭ 3-قېتىملىق مۇسابىقىسىدە، پولشالىق رەقىبىنى مەغلۇب قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر