تۈركىيە ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن مەيدانغا چۈشىدۇ

تۈركىيە ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى، دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش شاللاش مۇسابىقىسى گۇرۇپپىسى بىرىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا ئەتە ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن مەيدانغا چۈشىدۇ.

1851030
تۈركىيە ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن مەيدانغا چۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مەملىكەتلىك ئەرلەر ۋاسكېتبول <ئا> كوماندىسى، 2023  - يىللىق دۇنيا ۋاسكىتبول بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش شاللاش مۇسابىقىسى <ب> گۇرۇپپىسى بىرىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا ئەتە ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن مەيدانغا چۈشىدۇ.

ۋېرتۇ موتورس مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە ئەتە تۈركىيە ۋاقتى سائەت 18:00 دە باشلىنىدۇ؛ ئاي يۇلتۇزلۇق كوماندا بۇنىڭدىن بۇرۇن ئايلانما مۇسابىقىدە ئەنگلىيە كوماندىسىنى 67 گە قارشى 84 نەتىجە بىلەن يېڭىۋالغان، گىرېتسىيە كوماندىسىغا 74 كە قارشى 71 ۋە 76 گە قارشى 67 نومۇر بىلەن يېڭىلىپ قالغانىدى.

دۇنيا ۋاسكىتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئىلگىرى چىقارغان قارارىغا ئاساسەن بېلارۇسىيە گۇرۇپپىدىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، تۈركىيە دۆلەتلىك كوماندىسى ئالدىنقى ئۈچ مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرغان كوماندىلار بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گۇرۇپپىدا ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن كوماندىلار، 2023 – يىللىق دۇنيا ۋاسكىتبول بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر