تۈركىيە دۆلەتلىك چارقلىق ئورۇندۇق ۋاسكېتبول كوماندىسى چېمپىيون بولدى

تۈركىيە دۆلەتلىك چارقلىق ئورۇندۇق ۋاسكېتبول كوماندىسى بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا B دەرىجىدىن تاشقىرى چېمپىيونلۇقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، لاتۋىيە كوماندىسىنى 34 كە قارشى 84 نومۇر بىلەن يىڭىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

1846662
تۈركىيە دۆلەتلىك چارقلىق ئورۇندۇق ۋاسكېتبول كوماندىسى چېمپىيون بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە چارقلىق ئورۇندۇق ۋاسكېتبول كوماندىسى لاتۋىيە كوماندىسى بىلەن سارايېۋودا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشتى.

مۇسابىقىدە، تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى مۇجاھىت گۈنايدىن قارشى تەرەپنىڭ گارىغا 18 توپ، ئەھمەت ئەفەتۈرك 12 توپۋە فەرىت گۈمۈش 10 توپ كىرگۈزدى.

رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغان تۈركىيە كوماندىسى 34 كە قارشى 84 نومۇر بىلەن مۇسابىقىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاخىرلاشتۇردى ۋە چېمپىيون بولدى.

تۈركىيە دۆلەتلىك چارقلىق ئورۇندۇق ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، ياۋروپا Bدەرىجىدىن تاشقىرى چېمپىيونلۇقىغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر