تۈركىيە ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 3-ئىيۇل B گۇرۇپپىسىدا ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن 2023-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ.

1846170
تۈركىيە ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تۈركىيە ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 3-ئىيۇل Bگۇرۇپپىسىدا ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان 2023-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى (FIBA) شاللاش مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەييارلىقلىرىنى باشلىدى.

تېرېنېر ئەرگىن ئاتاماننىڭ باشچىلىقىدا سىنان ئەردەم تەنتەربىيە زالىدا باشلانغان تۈركىيە ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تەييارلىق مەشىقلىرىنى، تۈركىيە ۋاسكېتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى ھىدايەت تۈركئوغلۇ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللار كۆزەتمەكتە.

تۈركىيە ۋاسكېتبول كوماندىسى 2023-يىللىق ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىلىرىدە، Bگۇرۇپپىسىدا ئەنگلىيە ۋە گىرېتسىيە كوماندىسى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ.

ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى (FIBA) قارار بويىچە، گۇرۇپپىدىن ئورۇن ئالغان بېلارۇسىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر